مائاش باشقۇرۇش سېستىمىسى

 

ئەسسالامۇ ئەلەيىكۇم ياخشىمۇ سىز ؟

جەمىيىتىمىزنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلشى بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تەرەققىياتى خىلىلا تېز بولماقتا . ئاشخانا ، رىستۇران، تاللا بازارلىرى، ھەر خىل سودا ئورۇنلىرى دىگەندەك نۇرغۇنلىغان ساھەلەردىمۇ ئاپتۇماتلىشىش ئىشقا ئىشىۋاتقان بولۇپ مۇشۇنداق مۇلازىمەت خاراكتىرلىق سودا ئورۇنلىردا كومپىيۇتىر خىلىلا ئومۇمىلشىپ قالدى . دۇكانلارنىڭ ھەممە ئەھۋالنى كومپىيۇتىر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇردىغان ئىلىم بىرىم قىلدىغان ئەھۋاللا بۇرۇن يىڭىلىق بولسا ھازىر ئادەتتىكى ئىشلاردىن بولۇپ قالدى . چۈنكى قول بىلەن ئىلىپ بىرىلغان مەشغۇتلارنى كومپىيۇتىر ئارقىلىق ئىلىپ بارغاندا نۇرغۇن ۋاقىت ئىسراپچىلقىنى تۈگەتكەندىن باشقا ئۈنىمىمۇ ئالاھىدە بولىدۇ . ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك سودا ئورۇنلىرى بولغان ئىكەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭدا كۆپلىگەن ئادەملەر ئىشلىگەن بولىدۇ . دۇكان باشقۇرغۇچىسىنىڭ ياكى شۇ دۇكان بوغالتىرنىڭ ئاي ئاخىردا خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى ئىشلەش بىر باش قاتۇردىغان مەسلە . نەچچە كۈن ھىساپ ئىشلەپ مائاش بىردىغان كۈنگە ئاران ئۈلگۈردۇ.

ئۇنداقتا سىز بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى خوجايىن بولسىڭىز خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى، مۇكاپات جەرمانە ئىشلىرنى ئاپتۇماتىك خاتىرە قالدۇرۇش ۋە خۇلاسلەشنى ئويلاپ باقىتىڭىزمۇ ؟

بۇ دېتال سىزنىڭ دەل شۇ خىيالىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ...

ئۈرۈمچىدىكى بىر نەچچە ئاشخانىلار مۇشۇنداق بىر يۇمشاق دېتال ياساپ بىرشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئىدى، شۇڭا بۇنى ياساپ بازارغا سالدۇق. ئىھتىياجىلىق ئادەم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىنى قارشى ئالىمىز .

بۇ دېتال 10 دىن يۇقىرى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارغا ماس كىلدىغان بولۇپ خىزمەتچىلەرنىڭ تۇراقلىق مائاشى ، خىزمەت ئۈستىدە قويۇلغان جەرىمانە ۋە مۇكاپاتلارنى ئۇدۇللۇق خاتىرە قالدۇرۇپ مىڭىشقا بولىدۇ . ئاي ئاخىردا قايسى خىزمەتچى مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە قانچىلىك جەرىمانە قويۇلدى، ياكى مۇكاپاتلاندى ... تۇراقلىق مائاشى قانىچە، ئوپچى بىرىلگەن پۇل دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىنى سېستىما ئۆزى ھىساپلاپ شۇ كىشىنىڭ قولغا تېگىدىغان پۇلنى ئاپتۇماتىك چىقىرىپ بىردۇ . سىزنىڭ قوشاپ ئىلىپ يۇرشىڭىز ھاجەتسىز .

 

تۈزۈملەرنى ئۆزىڭىز بىكىتەلەيىسز، ھەر خىل ئورۇنلارنىڭ تۈزۈملىرمۇ ئوخشىمايدۇ . ھەر قايسى ئورۇنلار ئۆزىدىكى بار تۈزۈملەرنى ئۆزى خالىغان بويىچە كىرگۈزۈپ پايدىلنىشقا بولىدۇ .

خىزمەتچىلەرنىڭ ئارخىۋىنى تەپسىلى ساقلىغىلى بولىدۇ . بولسا رەسىملىردىن تارتىپ ساقلاپ قالسا بولىدۇ .

ئىشلىتىش تولىمۇ قولايىلىق بولۇپ ئىشلتىشنى بىلۋالسىڭىزلا كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئىشلىتىپ كىتەلەيىسز . ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئاسان ئىشلىتىشى ئۈچۈن سېستىما قۇرۇلمىسى ئادەتتىكى ئۈسلۈپ بويىچە تۈزۈلدى . مەسلەن :

كىچىككەنلىكى ئۈچۈن 10 يۈەن جەرىمانە قويۇلدى .

بۇنىڭ {كىچىككەنلىكى ئۈچۈن} دىگەننى ھەم {جەرىمانە قويۇلدى} دىگەننى ئۆزى خالىغانچە بەلگىلسە بولىدۇ . قالغان تەپسىلاتلارنى ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن كۆرۋىلىڭ .

 

 

مائاش باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ ئىشلىتىش قوللانىمىسى

ئالدى بىلەن ئىشلەتكۈچى تېزىملىتىپ كىرمىز . ئىشلەتكۈچىنى دۇكان خوجايىنى بىكىتەلەيىدۇ .

مەسلەن سىزنىڭ ئىسمىڭىز ياسىن بولسا پارۇلىڭىز 123 بولسا ئىسىمنى تاللىغاندىن كىيىن پارۇلنى يىزىپ كىرىشنى باسسىڭىز بولىدۇ .

بۇ كۆزنەكتىكى ئۇسلۇب بولسا سېستىمىنىڭ كۆزنەك شەكلى بولۇپ 24 خىل شەكىل بىرىلگەن . ئۆزىڭىز خالىغان شەكىلگە تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئىچىلدۇ .

مانا بۇ مەشغۇلات كۆزنىكى . ياندىكى مەشغۇلات كونۇپكىللىرى بولۇپ، بىرىنجىسى مائاش باشقۇرۇش . مائاش باشقۇرۇش سېستىمنىڭ ئاساسلىق خىزمەت قىلدىغان يەنى مائاش، جەرىمانە ، مۇكاپات ئىشلىرنى خاتىرە قالدۇردىغان، خۇلاسلايدىغان ئورۇن . ئۇنى باسقاندىن كىين تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ .

بۇ كۆزنەكتە مۇكاپات، جەرىمانە، ئىشلىرنى قوشقىلى ئۆزگەرتىكىلى ئۆچۈرگىلى ئىزدىگىلى بولىدۇ . بەزى ئوپچى پۇل بىردىغان ياكى جەرىمانە قويدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ ، شۇنداق ۋاقىتتا بىردىن بىردىن كىرگۈزۈپ يۇرمەي ئاۋۇ بايراملىق دىگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىزلا بىر كۆزنەك چىقىدۇ . شۇ كۆزنەك ئارقىلىق قالدۇرسىڭىز بىكىتىلگەن ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولىدۇ . مەسلەن : ئادەتتە ھىيىت بولسا ھەر قانداق ئورۇن ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن ھىيىتلىق بىردۇ . ئەگەر ھەممە خىزمەتچىلەرگە 100 يۇەندىن ھىيىتلىق بەرگەن بولسىڭىز مۇشۇ بايراملىق دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىپ چىققان كۆزنەكتىن قالدۇرسىڭىز بولىدۇ .

مۇكاپات جەرىمانە خاتىرلەشكە كەلسەك

مەسلەن ياسىن ئىسىملىك خىزمەتچى خىزمەتكە 10 مىنۇت كىچىكتى . قائىدە بويىچە ئۇنىڭغا 10 يۇەن جەرىمانە قويىماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ئاۋۇ ئىسىم تىزىملىكىدىن ياسىن دىگەن ئىسىمنى تاللايىسىز . ئاندى يىنىدىكى سەۋەپتىن كىچىككەنلىكى ئۈچۈن دىگەننى تاللايىسىز . ئاندىن جەرىمانە قويغان پۇلنى يازسىز، مەسلەن 10 يۇەن . ئاندىن پۇلنىڭ يىنىدىكى نەتىجە دىگەن تىزىملىكتىن ھازىر جەرىمانە قويماقچىمۇ ياكى مۇكاپات بەرمەكچىمۇ شۇنى تاللايىسز . مەسلەن جەرىمانە قويۇلدى دىگەننى تاللىدىڭىز . ئۇنىڭدىن كىيىن جەرياننى يىزىپ قويىسىڭىزمۇ بولىدۇ، يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ياندىكى قوشۇش دىگەننى باسسىڭىزلا بۇ ئۇچۇر ساقلاندى دىگەن گەپ .

بۇنىڭدىكى كىچىككەنلىكى ئۈچۈن ، جەرىمانە قويۇلدى دىگەنلەرنى ئالدىن ئۆزىمىز بىر نۆۋەت كىرگۈزۈپ قويىمىز . دىمەك تۈزۈملەرنى ئالدىن بىر قىتىم كىرگۈزۈپ قويساقلا ئۇنىڭدىن كىين خەت يىزىپ يۈرمەيمىز ، پەقەت پۇلنىڭ سانىنى كىرگۈزسەكلا باشقا ئورۇنلىرنى تاللاش ئارقىلىقلا پۈتتۈرمىز .

ئاندىن كىرەك بولۇپ ئۆزگەتىمەكچى ياكى ئۆچۈرمەكچى بولساق ئاستىدىكى ئۆزگەرتىش ئۆچۈرۈش دىگەننى بىسىۋىتىپ ئاندى جەدىۋەلدىن قايىسىنى ئۆزگەرتىمەكچى ياكى ئۆچۈرمەكچى بولساق شۇنى چىكىپ ئۆچۈرۈش ياكى ئۆزگەرتىشنى باسساقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ .

مەلۈم خىزمەتچىنىڭ بارلىق پۇكاپات ھەم جەرىمانە خۇلاسىسىنى كۆرمەكچى بولساق جەدىۋەلدىن شۇ خىزمەتچىنىڭ ئىسىمىنى ئىككى چەكسەكلا بولىدۇ .

ئىزدىمەكچى بولساق ھەر خىل ئۇسۇلدا ئىزدىگىلى بولىدۇ . مەسلەن ئىزدەشنى بىر بىسىۋىتىپ ئىسىمدىن ياسىن دىگەننى تاللىسىڭىز ياسىننىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرى چىقىدۇ . ئاۋۇ ياندىكى كىچىككەنلىكى ئۈچۈن دىگەن سەۋەپ تېزىملىكىدىن كىچىككەنلىكى ئۈچۈن دىگەننى تاللىسىڭىز بارلىق كىچىكىپ جەرىمانە قويۇلغان تېزىملىك چىقىدۇ . باشقا يەرلىرمۇ شۇنداق .... ئىشلىتىش جەرياندا بىلۋالسىڭىز بولىدۇ .

مەسلەن ماۋۇ مۇھەممەد دىگەن خىزمەتچىنىڭ ئىسمىنى ئىككى چەككەندىن كىيىن چىققان خۇلاسە كۆزنىكى .

ئەگەر ۋاقىت بويىچە خۇلاسىلمەكچى بولسا ئاۋۇ ۋاقىت بەلگىلەشتىن ۋاقىت بەلگىلەپ خۇلاسلاشنى باسسا نەتىجىنى چىقىرىپ بىردۇ .

ئىككىنجىسى خىزمەتچىلەرنىڭ ئارخىۋى

خىزمەتچىلەرنىڭ ئارخىۋىنى ساقلاشمۇ مۇھىم ئىش . خىزمەتىچىلەرنىڭ ئارخىۋى دىگەن كۇنۇپكىنى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ . بۇ كۆزنەكتە خىزمەتچىلەرنىڭ ئارخىۋىنى قوشقىلى ئۆزگەرتىكىلى ئۆچۈرگىلى ھەم ئىزدىگىلى بولىدۇ .

بۇنىڭدا خىزمەتچىلەرنىڭ ئارخىۋىنى قالدۇرغىلى بولىدۇ . رەسىمى بولسا رەسىمى بىلەن بىللە قالدۇرۇشقا بولىدۇ . بەزىلەر رەسىمنىمۇ قوشقاندا ئەسلىدىكى رەسىم ئورنىدىن ئۆچۈپ كەتسە بۇنىڭدىمۇ چىقماي قالامدۇ دەپ سورشى مۇمكىن . رەسىمنى كىرگۈزۈپ بۇ ئارخىپنى ساقلىسىڭىزلا  رەسىم ئاپتۇماتىك سېتىمنىڭ بىر مۇندەرجىسىگە ئايرىم زاپاس ساقلىنىپ كىتىدۇ . ئەسلىدىكى رەسىم ئۆچۈپ كەتسىمۇ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق .باشقا ئورۇنلىرنى بەلكىم دىمسەممۇ تولدۇرۇشنى بىلسىلەر .

ئۈچىنجىسى تۈزۈم بىكىتىش .

ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئۆز ئالدىغا بىكىتكەن قائىدە تۈزۈملىرى بولىدۇ . شۇ قائىدە تۈزۈملەرنى بىرمۇ بىر كىرگۈزۈپ قويدىغان گەپ . بىر قىتىم كىرگۈزۈپ قويسىڭىزلا داۋاملىق ئىشلىتىسىزدە  . مەسلەن ، دۇكان ئورۇنلاردا ئۇچراپ تۇردىغان ئىشلاردىن بىرسى خىزمەتچىلەرگە ئالدىن پۇل كىرەك بولۇپ باشقۇرغۇچىدىن ئىلىپ خەجلەپ تۈردىغان ئىشلار بولىدۇ . بۇنىڭغا نىسبەتەن مۇنداق ئورۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ . تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ .

تۈزۈمگە ئاي توشۇشتىن بۇرۇن دەپ بىر تۈز قوشتۇق . ئەمدى ھىلقى خىزمەتچىگە ئاي توشۇشتىن بۇرۇن دىگەننى تاللىغاندىن كىيىن پۇلنى يازدۇق ئاندىن نەتىجىدە مۇكاپات بىرىلدى ھەم جەرىمانە قويۇلدى دىگەن ئىككى نەتىجە بار . بۇ قەرىز بەرگەنگە مۇكاپات بىرلدى ياكى جەرىمانە قويۇلدى دىگەن سۆزنى ئىشلەتسەك بولمايدۇ . شۇڭا بۇنىڭغا قەرىز ئالدى دىگەن بىر تۈرنى قوشۇپ قويىمىز . مەسلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك . تۈر قوشقاندا قەرىز ئالدى دەپ يازغانىدىن كىيىن تەۋەلكىنى تاللايىمىز ،يەنى بۇ قائىدە تۈزۈممۇ ياكى نەتىجىمۇ دىگەننى . دىمەك بۇنىڭغا نەتىجە دىگەننى تاللايىمىز . ئاندىن ئۇ قانداق نەتىىجە شۇنى بىكىتىمىز . مائاشتا شۇ تۇتۇپ قىلىش ياكى قوشۇپ بىرىش مۇشۇ ئىككى نەتىجە بار . بۇ قەرىز ئالغان پۇل بولغاندىكىن ئاي ئاخىردا تۇتۇپ قالدىغان گەپ شۇڭا مائاشىدىن تۇتۇپ قىلىندۇ دىگەننى تاللايىمىز . ئاستىغا يازساقمۇ يازمىساقمۇ بولىدۇ .مانا بۇ قائىدە تۈزۈم بىكىتىش بىلەن نەتىجە بىكىتىش ئۇسۇلى . چۇشنىۋالسىڭىزلا بەك ئاددى .

تۆتىنجى ئىش تۈرى بىكىتىش

بىر كەسىپنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تۈر بولىدۇ . مەسلەن : ئاشخاننى مىسال ئالساق، مۇلازىمەتچى دەيمىز، سوگوزچى دەيىمىز، باشقۇرغۇچى دەيىمىز، .... دىگەندەك . ھەممە كەسىپنىڭ تۈرلىرنى شۇ كەسىپنى قىلدىغان ئادەم ئومدان بىلىدۇ . شۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش تۈرنى بىكىتىش . چۈنكى ھەر خىل ئىش تۈرنىڭ ئالدىغان مائاشى ئوخشىمايدۇ . بەزىسى تېخنىك ئىش بەزىسى جىسمانى ئىش . دىمەك ئالدىغان مائاشى ھەم ئۇلارغا قىلنىدىغان ئىقدىسادى جەھەتتىكى مۇئامىلمۇ ئوخشىمايدۇ . شۇڭا خىزمەتچىلەرنى تۈرگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كىرەك .

بۇنىڭدا خىزمەت تۈرى مۇلازىمەتچى ، ئالدىغان مائاشى ... ئەلۋەتتە خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشى مۇقىم بولىشى كىرەك . ئۇنىڭ ئۈستىدىكىنى ئۆزى مۇكاپات ئىلىش ۋە ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق مائاشىنى ئۆستۈرۈپ ئالدىغان گەپ . بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئاكتىپچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردۇ . ھەم ئىشلىگەنگە لايىق ھەق ئالغان بولىدۇ . شۇڭا شۇ تۈردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشىنى بىكىتىپ بىرىش كىرەك . مەسئۇل خادىم ئابلەت ، بۇ شۇ تۈردىكى يەنى ئاشۇ مۇلازىمەتچى خادىملارنى باشقۇردىغان باشقۇرغۇچى بولۇپ مۇلازىمەتچىلەرگە مۇناسىۋەتىلىك بىرە مەسلە بولغاندا ئاشۇ مەسئۇل خادىمنى ئىزدەيدىغان گەپ . ئۇنىڭ ئاستىغا شۇ تۈردىكى خادىملارنىڭ قىلدىغان ۋەزىپىللىرنى خاتىرلەپ قويۇشقا بولىدۇ . بۇ كۆزنەكتە ئىش تۈرنى قوشقىلى، ئۆزگەرتىكىلى ھەم ئۆچۈرگىلى بولىدۇ .

بەشىنجى ئىشلەتكۈچى بىكىتىش

ھازىر 10 دىن يۇقىرى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە دىگىدەك پۇل ئالدىغان كومپىيۇتىر باشقۇردىغان بوغالتىر ئىشلىتىدۇ . شۇنداق مۇشۇ سېستىمىنى ئىشلەتسە بولدىغانلار ئۈچۈن ئىسىم ھەم پارۇل بىكىتىپ بىرىش كىرەك . بۇنى باشقۇرغۇچى بىكىتىپ بىرلەيىدۇ . باش باشقۇرغۇچىدىن باشقا ئىشلەتكۈچىلەر بۇ سېستىمىنىڭ پەقەت شۇ باشقۇرغۇچى بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنلىردىلا مەشغۇلات قىلالايىدۇ .

بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەرنى قوشقىلى ئۆزگەرتىكىلى ھەم ئۆچۈرگىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋۇ چەتتە تۈرغان باشقۇرۇش دىگەننى باسسىڭىز ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خىزمەت قىلىش دائىرسىنى بەلگىلەش ئورنى چىقىدۇ . تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ .

قايسى ئىشلەتكۈچىنىڭ خىزمەت دائىرسىنى بەلگىلمەكچى بولسىڭىز ياندىكى تېزىملىكتىن شۇنىڭ ئىسمىنى چىكىپ ئاندى ئاۋۇ دائىرنى بەلگىلسىڭىز بولىدۇ . مەسلەن ھازىر ياسىن دىگەن ئىشلەتكۈچىنىڭ مائاش باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈش ھەم ئۆزگەرتىش دىگەن بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ ئارخىۋىنى ئۆچۈرۈش ھەم ئۆزگەرتىش دىگەن بەلگىلنىپتۇ . دىمەك بۇ ئىشلەتكۈچى مائاش باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىش ھەم ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلالايىدۇ . ئەگەر ئۇ بەلگىلەنمىگەندۇچۇ دىگەندە ئۇچۇر قالدۇرالايىدۇ، ھەم ئۆزى قالدۇرغان ئۇچۇرنى ئۆچۈرەلەيىدۇ ھەم ئۆزگەرتەلەيىدۇ . لىكىن باشقا ئىشلەتكۈچىلەر قالدۇرغان ئۇچۇرنى ئۆچۈرەلمەيدۇ ھەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ . پەقەت ئۆزى قالدۇرغان ئۇچۇرنىلا خالىغانچە باشقۇرالايىدۇ . خىزمەتچىلەرنىڭ ئارخىۋىنى باشقۇرۇشمۇ ئوخشاش، ئۆزى قالدۇرغاننى باشقۇرالايدۇ ، لىكىن باشقىلار قالدۇرغان ئۇچۇرنى باشقۇرالمايدۇ .

ئۇنىڭ ئاستىدىكىلەر بەلگىلەنمەپتۇ ، دىمەك بۇ ياسىنجان ئۇ ئىقدىدارلارنى ئىشلىتەلمەيدۇ . مەسلەن تۈزۈم بىكىتىش، ئىش تۈرى بىكىتىش، خىزمەتچىلەرنى بىكىتىش دىگەنلەرنى قىلاممايىدۇ . ئەڭ ئاستىدىكى مەن قىلالغاننىڭ ھەممىسىنى قىلالسۇن دىگەننى بەلگىلەپ قويغاندا ھىچقانداق توسالغۇ بولمايدۇ ھەممىنى قىلالايىدۇ . ئۈستىدىكىلەرنى بەلگىلەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق .

ئۇنىڭ ئاستىدىكى تاشكەنىت پولۇخانىسى دىگەن خەتنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنىڭ دۇكاننىڭ ئىسمىنى يازسىڭىز بولىدۇ . تېزىملاش كۆزنىكىدە چىقىدۇ . ئۈستىدىكى تېزىملاش كۆزنىكىنىڭ رەسىمگە قاراڭ .

ئالتىنجى پارۇل ئۆزگەرتىش

بۇ ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ پارۇلىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ .

ئۇنىڭ ئاستىدىكى ساندان زاپاسلاش .

بۇ ھەممىدىن مۇھىم ئىقدىدار . ساندان دىگەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ، بۇ يۇمشاق دېتالدا قالدۇرۇلغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى شۇ سانداندا ساقلىندۇ . بۇ كۆزنەك ئارقىلىق ھازىرقى سانداننى زاپاسلاپ قويىغىلى بۇرۇن زاپاسلاپ قويغان سانداننى كۆرۈپ باققىلى يەنى ئالدىنقى ئايدىكى سانداننى مائاش تاقاتقان كۈنى بىر زاپاسلاپ قويغان بولسا كۆرۈپ بىقىش كىرەك بولۇپ قالغاندا زاپاسلاپ قويغان سانداننى ئېچىپ كۆرۈپ باققىلى بولىدۇ . ئەگەر بۇرۇنقى سانداننى ھازىرقى سانداننىڭ ئورنىغا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كىرەك بولۇپ قالسا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانداننى ئايدا بىر زاپاسلاپ قويۇپ يىڭىلاپ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز . مەسلەن ما ئاي 31.چىسلا مائاش بەرگەن بولسا بىر زاپاسلاپ قويۇپ سانداننى يىڭى ھالەتكە كەلتۈرۈپ 1. چىسلادىن باشلاپ يىڭىدىن مەشغۇلات قىلغاندا تەرتىپلىك بولىدۇ . ئەگەر شۇنداق قىلماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ھازىرقى سانداننى زاپاسلاپ قويۇش دىگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز ساندان زاپاسلىندۇ . ئاندى ئاستىدىكى مائاش باشقۇرۇشتىكى ھەممە ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش دىگەن كۇنۇپكىنى بىسىۋەتسىڭىز سانداندىكى مۇكاپات جەرىمانە ئىشلىرى ھەممىسى ئۆچۈپ 0 گە ئايلىنىپ يىڭىدىن مەشغۇلات قىلىش ھالىتىگە كىلىدۇ . باشقا ئورۇنلاردىكى ئۇچۇرلار كۆپ بولمايدىغان بولغاچقا ئۇنى بىراقلا تازلىمىسىڭىزمۇ كىرەك ئەمەس دىگەنلىرنى قول بىلەن ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ .

چۈشەندۈرۈش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن . يەنە بىلمىگەن يەرلىرڭىز بولسا بىز بىلەن ئالاقىلشىپ بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ . بۇ تۇنجى نۇسقىسى . بۇندىن كىيىن كۆپلىگەن ئىقدىدارلار قوشۇلدۇ . شۇڭا ياخشى تەلەپ پىكىرلىرڭىز بولسا بىزدىن ئايمىغايىسىز . مۇنداق مۇنداق ئىشلارنى قوشساق بوپتىكەن دىگەن پىكىرڭىز بولسا دىسىڭىز كىيىنكى نۇسقىللىرغا قوشۇپ چىقىرمىز . ئاللا نىسىپ قىلسا ئەلۋەتتە بارا-بارا كىيىنكى نۇسقىللىردا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ . بۇ سېستىمدىن بىر نۇسقا سىتىۋالغانلار كىيىنكى نۇسقىللىرنى داۋاملىق مۇشۇ بىرسىنىڭ تېزملاش نۇمۇرى بىلەن ھەخىسز يىڭىلاپ ئىشلىتەلەيىدۇ .