ئائىلە باشقۇرۇش سېستىمىسى
ئىسىم ۋە مەخىپى نۇمۇرنى يىزىپ كىرسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ .

خاتىرە دەپتەر ئاساسى ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان . بىرسى شەخسى خاتىرە يەنە بىرسى ئائىلە باشقۇرۇش .
بۇ خاتىرە دەپتەرنى كۆپ ئىشلەتكۈچىلەر تېزىملىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . شەخسى خاتىرە ھەر بىر ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن ئايىرىم ئايىرىم بولىدۇ . ئائىلە باشقۇرۇش ئورتاق ئىشلىتىلدۇ .
شەخىسى خاتىرە
1. خاتىرە دەپتەر
خاتىرە دەپتەرگە ئۆزىمىزنىڭ خاتىرمىزگە يىزىپ قويىدىغان ھەر قانداق شەخىسى ئىشلىرمىزنى يىزىپ قويىساق بولىدۇ . مەسلەن : يىڭى خاتىرە يازماقىچى بولساق ئاستىدىكى قوشۇش دىگەننى باسىمىز .

قوشۇش دىگەننى باسساق تۆۋەندىكىدەك يىڭى تېما يىزىش كۆزنىكى چىقىدۇ .

تېما دىگەنگە يازماقچى بولغان مەزمۇننىڭ تېمىسىنى يازمىز . ئاندىن شۇ مەزمۇننىڭ قايىسى تۈرگە تەۋەلىكىنى تاللايىمىز . تۈر ئىچىدە بىز يازماقچى بولغان مەزمۇنغا ماس كىلدىغان تۈر بولمىسا يىنىدىكى قوشۇش دىگەننى بىسىپ يىڭى تۈر تۈرغۇزساق بولىدۇ . مەسلەن : كۈندىلىك خاتىرە دەمدۇق ياكى باشقىدەك نۇرغۇن ....
ئاندىن مەزمۇننى يىزىپ بولۇپ ئاستىدىكى قوشۇش دىگەننى باسساق خاتىرمىزگە بىر تېما قوشۇلدى دىگەن گەپ . ئاندىن يىڭى تېما قوشۇلۇپ بولغاندىن كىين تۆۋەندىكىدەك ئالدىنقى كۆزنەككە ئۆتىدۇ . قايسى تېمىنى كۆرمەكچى بولساق شۇ تېمىنى ئىككى چەكسەك مەزمۇنى چىقىدۇ .


قايسى تېمىنى ئۆزگەرتىمەكچى بولساق شۇ تېمىنى بىر چىكىپ قويۇپ ئاستىدىكى ئۆزگەرتىش دىگەننى باسساق ئۆزگەرتىش ھالىتىگە كىردۇ . ئۆچۈرمەكچى بولساقمۇ شۇنداق قىلىمىز .

2. تېلېفۇن دەپتىرى
تېلېفۇن دەپتىرگە ئۆزىمىزنىڭ دوسلىرمىزنىڭ خىزمەتداشلىرمىزنىڭ ياكى ساۋاقداشلىرمىزنىڭ ، تۇققانلارنىڭ ، خوشنىلارنىڭ .... خاتىرمىزگە يىزىپ قويۇشقا تېگىشلىك ھەر قانداق تېلېفۇن نۇمۇرنى يىزىپ قويىساق بولىدۇ . يىڭى نۇمۇر قوشماقچى بولساق ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ئالدى بىلەن ئىسىم ئاندىن تېلفۇن نۇمۇر ئاندىن مۇناسىۋىتىمىزنى تاللاپ ئاندىن قوشۇش دىگەننى باسساقلا بىر نۇمۇر قوشۇلدى دىگەن گەپ . تەپسىلى ئۇچۇرلىرى بىلەن قوشماقچى بولساق ئاستىدىكى قوشۇش دىگەن كۇنۇپكىنى باسساق يىڭى نۇمۇر قوشۇش ھالىتىگە كىردۇ .


ئۆزگەرتمەكچى ياكى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز شۇ نۇمۇرنى بىر بسىپ قويۇپ ئاندىن ئاستىدىكى ئۆزگەرتىش ياكى ئۆچۈرۈش دىگەننى باسسىڭىز بولىدۇ .
3.كۆڭۈل خاتىرسى
باشقىلارغا دىيەلمەيدىغان خاپىلىق خوشلۇقلىرڭىزنى يىزىپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويىسىڭىز بولىدۇ . بىر كۈنلىرى كۆرسىڭىز ئويلاپ قالسىز .
ئىشلىتىش ئۇسۇلى يۇقىردىكى خاتىرە دەپتەر بىلەن ئوخشاش .

4. كىرىم - چىقىم
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ كىرىم - چىقىم ، ئىلىم - بىرىملىرى بولىدۇ . شۇلارنى تۈرلەر بويىچە قالدۇرۇپ ماڭسىز ، ھەممىنى ئىنىق سىتاستىكا قىلىپ ماڭالايىسىز.
ھىساۋات تەپسىلاتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئىككى چەكسىڭىز شۇ ھىساۋاتنىڭ تەپسىلاتىنى كۆرەلەيىسىز.
يىڭى ھىساب قوشماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى قوشۇش دىگەننى باسسىڭىز بولىدۇ .

يىڭى ھىساۋات قوشماقچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ھىساب تۈرى دىگەندىن قايسى تۈرگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تاللايىسز . مەسلەن : ئىلىشىم دىگەننى تاللىدۇق . ئاندىن ھىساب سوممىسى ، 3000 يۇەن ، ئاندىن جەرياننى كىرەك بولسا يىزىپ قويىساق بولىدۇ . ئاندىن ئاستىدىكى قوشۇش دىگەننى باسىمىز . بولدى .
سىتاستىكا قىلماقچى بولساق ئۈستىدىكى رەسىمگە قاراڭ ، ئاۋۇ تۈرلەردىن قايسى تۈرنى سىتاستىكا قىلماقچى بولسىڭىز شۇ تۈرنى تاللايسىز . ئاندىن ئۈستىدىكى يىشىل كۆزنەككە ئومۇمىسىنى چىقىرىپ بىردۇ . ئەگەر ۋاقىت بويىچە سىتاستىكا قىلماقچى بولسىڭىز ئاۋال تۈرنى تاللاپ قويۇپ ئاندىن ئىككى ۋاقىتنى بىكىتىپ خۇلاسلاش دىگەننى باسسىڭىز شۇ ۋاقىت ئىچىدىكى شۇ تۈرنىڭ ئومۇمى خۇلاسىسىنى چىقىرىپ بىردۇ . شۇنداق ئاددىلا ..

5. پىلان
بەلكىم سىزنىڭمۇ مەلۇم پىلانلىرڭىز بولشى مۇمكىن شۇلارنى قالدۇرۇپ قويىسىڭىز بولىدۇ . ئىشلىتىش جەريانى خاتىرە دەپتەر بىلەن ئوخشاش .
ئۇيغۇرچە خەت يىزىشتا قىيلانسىڭىز ئۈستىدىكى رەسىمنى باسسىڭىز ئۇيغۇرچە ھەرىپنىڭ كۇنۇپكىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھالىتى چىقىدۇ . شۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەت يىزىشنى ئۈگىنىۋىلىڭ .

