กก

ئائىلە باشقۇرۇش سېستىمىسى

كومپىيۇتىرڭىز بارمۇ ؟

بار

ئەمسە بەزى مۇھىم ئىشلىرڭىز بولسۇن ياكى تېلفۇن نۇمۇرلار بولسۇن ياكى باشقىدەك ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ
خاتىرڭىزگە يىزىپ قويىدىغان ئىشلارنى كومپىيۇتىرڭىزگىمۇ يىزىپ قويامىسىز؟

 مىنىڭغۇ شۇنداق قىلغىم بار ئىدى ، لىكىن نەگە يىزىشنى بىلمەيمەن  ...............

توغرا ! كومپىيۇتىر بولغان بىلەن ئۇنىڭ ئىچىگە بىرە نەرسە يىزىپ قويايلى دىسەك يازدىغان يەر تاپالمايىمىز.  بىزمۇ مەخسۇس مۇشۇ كومپىيۇتىر بىلەن شۇغۇللىندىغان تۇرۇپ بەزىدە بىرە نەرسە يىزىپ قوياي دىسەك يازىدىغان يەر تاپالماي قالىمىز . ئەگەر زادى يازمىساق بولمايىدىغان ئىش بولسا ئايىرىم بىر ھۆججەت قىلىپ ساقلاپ قويۇشقا توغرا كىلىدۇ . بۇ ئەۋارچىلىق بولۇپلا قالماي كىيىن ئۇ يازغان نەرسىمىزنى تاپالمايدىغان ئىش ئۇچقاپ تۇردۇ .

بۇ يۇمشاق دېتال دەل شۇنداق ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئائىلمىزدىكى ئىش ئورنىمىزدىكى دۇكاندىكى ئىشقىلىپ ھەر قانداق يەردىكى يىزىپ قويۇشقا تېگىشلك ئۇچۇرلارنى يىزىپ قويىدىغان خاتىرە دەپتەر  .
ئالاھىدىلكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ، يازغان ئۇچۇرلىرڭىز بىخەتەر ساقلىندۇ، ئىشلىتىش تولىمۇ قولايىلىق، ھەم سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى مالىيە ئىشلىرڭىزنى ئاپتۇماتىك خۇلاسە قىلىپ بىردۇ  .

بۇ سېستىما شەخسى خاتىرە، ئائىلە باشقۇرۇش دەپ 2 تۈرگە بۆلۇپ لاھىيلەندى
شەخسى خاتىرە : شەخسى خاتىرگە ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىر شەخسى ئىشلىرى بولىدۇ . كۆڭلىدىكى باشقىلارغا دىيەلمەيدىغان ئىشلار بولىدۇ، بەزى باشقىلارغا بەرگەن ياكى ئالغان ھىساۋات ئىشلىرى بولىدۇ ، شۇلارنىڭ ھەممىنى بىر ئادەمگە دەپ قويۇپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ . شۇ شەخسى ئىشلىرڭىزنى خاتىرلەپ ئىشلەتىسڭىز بولىدۇ. ئىشقىلىپ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن گەپ سۆزلىرى ، شەخسى ھىساۋات ئىشلىرى بولىدۇ . شۇنداق يىزىپ قويۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى خاتىرلەپ قويۇش كىرەك .

ئائىلە باشقۇرۇش : ئائىلە باشقۇرۇشقا ئائىلڭىزدىكى ھەر قانداق يىزىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يىزىپ قويىسىڭىز، كىرىم چىقىم ئەھۋاللىرنى يىزىپ خاتىرە قالدۇرۇپ قويىسڭىز ، ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەر خۇلۇم خوشنىلارنىڭ تېلفۇن نۇمۇرلىرنى خاتىرلەپ قويىسڭىز ئىشقىلىپ بىر ئائىلدىكى ھەممە ئىشلارنى خاتىرلەپ ماڭىسڭىز بولىدۇ . دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنسىزغۇ دەيمەن . چۈنكى ھەممە ئادەمدە ئائىلە بولىدۇ ، ئائىلدە نۇرغۇن ئىشلار بولىدۇ . يىزىپ خاتىرلەپ ماڭغاندا كۆپ جەھەتلەردىن پايىدىلىق بولىدۇ

กก

 پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆزنەكلىك يۇمشاق دېتال بولۇپ خەلىقئارادا بىرلىككە كەلگەن يۇنىكود ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن . ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئوڭاي ئىشلىتىشى ئۈچۈن سۆز ئىبارلەر زاغرا تېلدا ، ئۇسلۇبى ئادەتتىكى ئۇسلۇپ بويىچە تۈزۈلدى .

 

ئائىلە نۇسقىسى : ھەقىلىق             بىر نۇسقىسىنىڭ باھاسى : 50 يۇەن

كۆرۈپ سېناپ بىقىشقا بولىدۇ . قىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بىقىڭ .

چۈشۈرۈش