دۇكان باشقۇرۇش سېستىمىسىنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسى
1. مال كىرگۈزۈش
بۇ سېستىمىدىكى بىرىنىجى باسقۇچ مال كىرگۈزۈش . چۈنكى دۇكاندا مال بولمىسا ساتقىلى بولمايدۇ شۇنداقمۇ ؟
ئەمسە مال كىرگۈزىلى : تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ .

ياندىكى مال كىرگۈزۈش دىگەننى باسساق ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك كىرگۈزۈلگەن مال تەپسىلاتى چىقىدۇ . يىڭى مال كىرگۈزمەكچى بولساق ئاستىدىكى مال كىرگۈزۈش دىگەننى باسىمىز . ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مال كىرگۈزدىغان كۆزنەك چىقىدۇ .

ئالدى بىلەن مال تەۋەلىكىنى تاللايىمىز . مەسلەن تۇرمۇش بويۇملىرى . ئاندىن مال تۈرنى تاللايىمىز، مەسلەن : تازلىق بويۇملىرى . ئاندىن مال كىرگۈزگەن ئورۇن تاللايىمىز . ئەگەر شۇ تاللايىدىغانلار ئىچىدە بىز تاللىماقچى بولغان مال تەۋەلىك ياكى مال تۈرى ياكى مال كىرگۈزگەن ئورۇن قاتارلىقلار بولمىسا ياندىكى تەھرىرلەش دىگەننى بسىىپ بىر قىتىم كىرگۈزۋەتسەك كىيىن يىزىپ يۈرمەي تاللاپلا مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ .
ئاندىن مال ئىسىمى ، مەسلەن : لوڭگا . مال سانى :500 تال، تال دىگەن مال بىرلىكى بولمىسا ياندىكى تەھرىرلەش دىگەننى بىسىپ مۇشۇ مال تەۋەلىكىدە قانداق مال بىرلىكلىرى ئىشلىتىدۇ بىر قىتىم كىرگۈزۋەتسەك كىيىن تاللاپلا ئىشلىتىشىمىزگە ئاسان بولىدۇ . مەسلەن : تال ، دانە ، يىشىك ، قاپ .... دىگەندەك .
ئاندىن مالنىڭ كىرگۈزگەندىكى ئومۇمى سوممىسنى كىرگۈزمىز . يىنىدىكى يەككە باھاسىنى كىرگۈزسەكمۇ كىرگۈزمىسەكمۇ بولىدۇ . ئەمما ئاخىردا قىزىل يۇلتۇز بەلگىسى تۇرغانلارنى چوقۇم تولدۇرشىمىز ياكى تاللىشىمىز كىرەك . ئاندىن مالنىڭ كىلىش مەنبە ئادىرسىنى يىزىپ قويىسىڭىز بولىدۇ . كىيىن يەنە شۇ مالنى ئەكەلگەندە ئاسان بولىدۇ . ئاندىن شۇ مالغا مۇناسىۋەتلىك تېلېفۇن نۇمۇر ئاندىن باشقا ئۇچۇرلىرى بولسا كىرگۈزۈپ قويىسىڭىز بولىدۇ . * مۇشۇ بەلگە بارلىردىن باشقىللىرنى تولدۇرسىڭىزمۇ تولدۇرمىسىڭىزمۇ بولىۋىردۇ . ئاندىن قوشۇش دىگەننى باسسىڭىز بولىدى . بىر مال كىردى دىگەن گەپ . باشقا ماللارنىمۇ دۇكانغا كىرگۈزگەندە مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ سېستىمىغا كىرگۈزۈپ ماڭسىڭىز بولىدۇ . مال كىرگۈزۈش بەك مۇھىم مەسلە ، شۇڭا مال كىرگۈزگەندە ئەستايىدىللىق بىلەن مال ئىسىمىنى ، سانىنى ، ئومۇمى سوممىسىنى توغرا كىرگۈزۈڭ . شۇنداق بولغاندا دۇكىنىڭىزدا قايسى مالدىن قانچىلىك قالدى ، قانچىلىك سېتىلدى ، قانچىلىك پايىدا زىيان بولدى تەپسىلى سېتاستىكا قىلىپ تۇرالايسىز .
2.مال چىقىرىش
ئەمدى دۇكانغا مال كىرگۈزگەندىكىن سېتىشىمىز كىرەك شۇنداقمۇ ؟ ئەمسە مال سېتىشنى باشلايىلى . مال چىقىرىش دىگەن شۇ مال سېتىش دىگەن گەپ شۇ .
باش بەتتىن دۇكان دىگەنگە كىرسەكلا مال چىقىرىش كۆزنىكىگە كىردۇ . ياكى ياندىكى ئاۋۇ مال چىقىرىش دىگەننى باسساقمۇ مال چىقىرىش ھالىتىگە كىردۇ . تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ .

مال ساتقاندىكىن بۇ مالنى دەرھال بۇ سېستىمىدىنمۇ چىقىرۋىتىش كىرەك . ئۇنداق بولمىغاندا دۇكىنىڭىزدىن مال چىكىتىپ بۇ سېستىمىدىن چىقمايدۇ دە سىز يەنە مانچىلىك مىلىم بار ئوخشايىدۇ دەپ قالىسىز . دۇكىنىڭىزدا قانچىلىك مال بار ئىنىق بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋاخىتى ۋاخىتىدا مال دۇكىنىڭىزدىن چىقىشى بىلەنلا بۇ سېستىمىدىنمۇ چىقىرۋىتىڭ .
ئالدى بىلەن مال تەۋەلىكىنى تاللايىسىز . قايىسى مال تەۋەلىكىنى تاللىسڭىز شۇ تەۋەلىكتىكى ماللار ئاستىدىكى مال ئىسمى بار ئورۇنغا پەيدا بولىدۇ . شۇڭا مال تەۋەلىكىنى تاللاش مۇھىم . ئاندىن مال تۈرنى تاللايىسىز . تاللىسىڭىزمۇ تاللىمىسىڭىزمۇ بولىۋىردۇ . كىيىن قايىسى تۈردىكى مالدىن قانچىلىك قانچىلىك سېتىلدى دىگەندەك سىتاستىكىنى قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى تاللاپ مىڭىڭ . ئاندىن مال ئىسمىنى تاللايسىز . بۇ مۇھىم . قايسى مالنى ساتتىڭىز شۇنى تاللىمىسىڭىز بولمايدۇ دە شۇنداقمۇ ؟
مەسلەن :
مال تەۋەلىكى : تۇرمۇش بويۇملىرى ، مال تۈرى : تازلىق بويۇملىرى ، مال ئىسىمى : لوڭگا ، بايام لوڭگىنى دۇكانغا كىرگۈزگەن ئىدۇق . ئەمدى ئۇنى ساتتۇق . مال سانى : 30 تال ، ئومۇمى سوممىسى : 150 يۇەن . يەنى 3 كويدىن ئىلىپ 5 كويدىن ساتتۇق دە . باشقا نەخ - نېسى ، مال ئالغۇچى ئىسىمى ، مال ئالغۇچىنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرى ، ئادىرسى دىگەنلەرنى تولدۇرسىڭىزمۇ تولدۇرمىسڭىزمۇ بولىدۇ . كىرەك بولسا تولدۇرۇڭ بولمىسا تولدۇرماڭ . ئاندىن ياندىكى چىقىرىش دىگەننى باسسىڭىزلا بولدى . دىمەك بىر مال سېتىلدى دىگەن گەپ . باشقا مال سېتىش جەريانىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا ...
مەيداننى تازلىۋىتىپ يىڭىدىن مال ساتماقچى بولساق ئاستىدىكى تازلاش دىگەننى باسساق بولىدۇ . ساتقان ماللارنى كۆرمەكچى بولساق ياندىكى چىكىنىش دىگەننى باسساق بولىدۇ .
3. سىتاستىكا قىلىش
مال كىرگۈزدىڭىز مال ساتتىڭىز ئەمدى قايسى مالدىن قانچىلىك ساتتىڭىز سىتاستىكا قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ .
ياندىكى سىتاستىكا قىلىش دىگەننى باسسىڭىز تۆۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ .

يۇقىردىكى رەسىمگە قارساق بىز ئىككى قىتىم قال سېتىپتۇق . ئاستىدىكى تۇرمۇش بويۇملىرى دىگەن مال تەۋەلىكى تىزىملىكى ، ئۇنىڭدىن قايىسى مال تەۋەلىكىنى تاللىساق شۇ مال تەۋەلىكىدىكى ماللارنىڭ سىتىلغانلىرى چىقىدۇ . مەسلەن ، يىمەك ئىچمەك دىگەن مال تەۋەلىكىنى تاللىساق شۇ يىمەك ئىچمەك مال تەۋەلىكىدىن سېتىلغان ماللارنىڭ تەپسىلاتى چىقىدۇ . يىنىدىكى مال تۈرى ، يەنە مال كىرگۈزگەن ئورۇن . مەسلەن ئاۋۇ ئۈرۈمچى خام ئەشيا زاۋۇتى دىگەننى تاللىسڭىز مۇشۇ مال تەۋەلىكىدىكى ئاشۇ زاۋۇتنىڭ ھەممە ماللىرنىڭ سېتىلغانلىرنىڭ تەپسىلاتى چىقىدۇ . ئەمدى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ سېتىلغانلىرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئىككى ۋاقىتىتىن توغرا تاللاپ ئاندىن سېتىلغان تاۋار دىگەننى باسسىڭىزلا شۇ ۋاقىت ئىچىدىكى سېتىلغان مال تەپسىلاتى چىقىدۇ . مەسلەن : يۇقىردىكى رەسىمدىكىدەك تاللىغاندا 2008.يىل 6.ئايىنىڭ 2. كۈنىدىن 2008.يىل 7.ئايىنىڭ 2.كۈنىگىچە بولغان بىر ئاي ئىچىدىكى سېتىلغان مال تەپسىلاتىنى چىقىرىپ بىرلىدۇ .
جەدىۋەلدىكى مالنىڭ ئىسمىنى ئىككى چەكسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ .

ئىككى چىكىلگەن شۇ مالنىڭ سېتىلغان جەريانى چىقىدۇ . ئاستىدىكى جەدىۋەلگە شۇ مالنىڭ باشقا سېتىلغان تەپسىلاتى چىقىدۇ . قايىسى جەرياننى ئۆزگەرتىمەكچى ياكى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز شۇنى بىر چىكىپ ئاندىن ئۆزگەرتىش ياكى ئۆچۈرۈش دىگەننى باسسىڭىز بولىدۇ .
باشقىدەك، مالنىڭ كىرگەن ، چىققان ، پايدا زىيان ئەھۋالى دىگەندەك كۆپلىگەن ئالى سىتاستىكا ئەھۋالىنى باشقۇرغۇچى سىتاستىكا قىلالايىدۇ . ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەر سىتاستىكا قىلاممايدۇ .
ئۇيىغۇرچە خەت يىزىشتا
قىيلانسىڭىز ئۈستىدىكى ماۋۇ رەسىمنى باسسىڭىز ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ كۇنۇپكىلاردىكى
ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى چىقىدۇ . بىر باسسىڭىز چىقىدۇ يەنە بىر باسسىڭىز ئۆچىدۇ .
![]()